مېنىڭ ئىسمىم سۇلايمان بۇ يىل 25ياش،مەن بىر قىزنى بىر كۆرۈپلا ياخشى كۆرۈپ قالدىم.
مەن بۇرۇن بىرەرسى بىلەن مۇھەببەتلىشىپ باقمىغان،ئوقۇش پۈتتۈرگىلىمۇ بوپ قالدى 7-8يىل،ماۋۇ قىز يۈرىكىمنى تىترەتتى دەپ ئويلاپ باقماپتىكەنمەن،پەقەت ئۆي ماشىنا نەرسىلەرنى تەييار قىلىپ شۇ كەلگۈسىدىكى ئايالىمغا بەخىت بېرىش ئۈچۈن تىرىشتىم،
ئۇنى تۇنجى كۆرگەن ۋاقتىم ئۇ ئىشلەۋاتقان دۇككان،بىرەر قىزبالنىڭ يۈزىگە بۇنچى ئۇزۇن ۋاقىت قاراپمۇ باقمىغان مەن بۇقىزبالىنى كۆرۈپ نەچچە سىكونت مىنۇت تۇرۇپ قالدىم،بۇيەردە ئۇنىڭ ۋە مېنىڭ ئۆيدىكلىرىم بارلىقنى ئويلىغان ۋاقتىمدا مەن راستىنلا ئۆزۈمنى يوقاتتىم،نەدە تۇراي ماڭايمۇ قاندا تۇراي،قولۇمنى نەگە قويسام بولا،قاندا تۇرسام باشقىلارغا پۇتلاشماي تۇرامەن.ھەجەپ جىددىيلەشتىم تېزراق چىقىپ كېتەي دەپ ئويلىدىم.
ئۇنىڭ ئۈندىدارىنى قوشتۇم،پاراڭلاشتىم ئۇ مېنى بەك سەبىي كەنسىز، ناھايىتى بىر سوئاللارنى سورايدىكەنسىز،بىزنىڭ ئارىمىزدا پاراڭلاشقۇدەك تېما يوقكەن دېدى بۇ چاغدا مېنەڭ بەك كۆڭلۈم يېرىم بولدى،تورلارغا چىقىپ قىزلا بىلەن قانداق پاراڭلىشىدۇ دېگەن 40نەچچا مىنۇتلۇق فىلىملەرنى كۆرۈپ چىقتىم،
ئەمەلىيەتتە بۇنداق فىلىملەرنى كۆرۈشنىڭ ئەھمىيىتى يوقكەن ياخشى كۆرسەڭ گەپ دېگەن كەينە كەينىدىن ئاغزىمىزغا كېلىۋېردىكەن،نىمىنى ئويلىغان بولساق نىمە دەپ قالار دېمەي دەۋېردېكەنمىز،بۇ مۇھەببەتلەشكەندىكى شۇنداق تۇيغۇ شۇ ئىكەندە ئەسلى
ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغۇم كەلدى بىراق ئۇ ئاۋازلىق گەپ قىلغاندا مېنەڭ ئاۋازلىق گەپ يوللىغۇم كەلمىدى،ئەگەر ئۇ ئاۋازى بەك تومكەن قاتتىق قوپالكەن دەپ قالسا قانداق قىلارمەن دەپ ئويلاپمۇ كەتتىم تېخى ھېھېھې ئۆزۈمنى نەچچىنى ئۇرۋەتسەم
ئەگەردا ئۆزۈم ياخشى كۆرگەن قىزغا كۆڭلۈمنى بىلدۈرمىسەم بۇ ئۆمۈرنەڭ نىمە ئەھمىيىتى
شۇنىڭ بىلەن نەچچە كۈنلەر ئويلاشتىم ئۇ مەن بىلەن ماس كېلەمدۇ ياقمۇ،بىراق مەن بۇنە ئويلىغان ۋاقتىم دەل ئۇنى سېغىنغان،كۆرگۈم كەلگەن ۋاقتىم.كەن ماس كەلمىسەك ئۆزگەرتسام بولىدىغۇ،يوق بولسا بار قىلسام بولىدىغۇ،با بولسا يوق قىلسام بولىدىغۇ
بۈگۈن ئاخىرى غەيرەتكە كېلىپ ئۇنىڭغا تەلەپ قويدۇم ئۇ قوشۇلدى ئۇ تېخى مېنى ياخشى كۆرگىنڭىزگە رەھمەت دەيدۇ رەھمەت دېيشىمىسەكمۇ بولىدۇ سىزمۇ مېنى ياخشى كۆردىڭىزغۇ مانا،تەڭلەشتۇق 😂
بۇيەرگە پاراڭ خاتىرسىدىن ئازراق قىستۇرۇپ قويغۇم كەلدى مانا رەسىم كەتتى ئەمسە
سىز مېنى يوقىتىپ قويۇشتىن ئەنسىرمەڭ مەنمۇ سىزنى يوقىتىپ قويۇشتىن ئەنسىرمەي،بىز بۇ ئۆمۈر ۋە كىيىنكى ئۆمرىمىزدە مەڭگۈ بىللە ئۆتەيلى
ئون يىلدىن كىيىن ئوتتۇز بەش ياش ۋاقتىمدا سىزنىڭ يەنە يېنىمدا بولشىڭىزنى بەك ئۈمىد قىلىمەن ئەلۋەتتە ئۇنىڭدىن كىيىن يەنە ئون يىل چۈنكى مەن سىزگە تويمايدىغاندەك ھېس قىلدىم ئۆزۈمنى
ئۇزۇن بوپتىكەن يىغلاپ باقمىغىلى،بۈگۈن كۆزلىرىمدە ياش،كۆزۈممۇ پاكىز يۇيلۇپ كېتىدىغان بولدى دە،بىراق يىغلىغان بىلەن مەن ئىچ ئىچىمدىن بەك خۇشال.مەنمۇ ئاخىرى قىز دوستى با بالا بولدۇم باشقىلارغا ھەۋەس قىممىساممۇ بولدىغان بولدى،يىغلاپ بۇرنىمدىنمۇ سۇ ئېقىپ كېتىۋاتىدۇ قايسىىنى ئاۋال ئېيىتسام بولا ھازىر،
بۈگۈن ماشىنا ئالغان ۋاقىتلىرىم ئىسىمگە كەپ قالدى،بۇ ماشىنىنىمۇ بىر كۆرۈپلا ياخشى كۆرۈپ قالدىم پىراۋا ئالغىلى ئۈچ يىل بولغان مەن بىرە ماشىنىغمۇ قىزىقىپ باقمىغان بۇ ماشىننى ئۆگزىدە تۇرۇپ خىزمەتدىشمدىن سورىدىم بۇ ماشىننىڭ ئىسمى نىمە،ئۇ ماڭا سۇزۇكى يۈيەن دېدى،مەن شۇ چارشەنبە ئۇخلىيالمىدىم شۇ ماشىننىڭ رەسىملىرنى ئىقتىدارىلىرنى كۆرۈپ چىقتىم قاچانمۇ يەكشەنبە كېلە دەپ ئويلاپ كەتتىم دە چارشەنبە كۈنى ،يەكشەنبىمۇ كەلدى،رۇخسەت سورىسام بەمىدى،شۇنىڭ بىلەن دادامغا تېلفۇن قىپ ماشىنا بازىرنى ئايلىنىپ شۇ خىل ماشىنا بامۇ كۆرەپ بەگىن دېسەم دادام ماقۇل دەپ بىر چۈشتىن بۇرۇن ئىزدەپ تاپالماپتۇ،شۇنىڭ بىلەن مەن چۈشلۈك ئارام ئېلىش ۋاقتىمدا بازاغا چىقتىم،يۈگرەپ تۇرۇپ ئايلاندىم دە مەقسىتىم ئېنەق سۇزۇكى ئىزدەپ ۋاز كېچەي دەپ ئارام ئېلىشىم توشۇشقا بەش مىنۇت قالغاندا مۇشۇ ماشىننە ئۇچراتتىم جايىدا پۇلىنى سوردىم پۇلنى سانىدىم ھەيدەپ ئەكەتتىم،قىممەت ئەپ قاپتىمە. نەچچە مىڭ يۈەن لېكىن مەن رازى،چۈنكى.بۇ ماشىنا شۇ پۇلغا يارايدۇ شۇنىڭدىن كىيىن مەن ھەركۈنى ماشىنام.بىلەن بىللە بارمىغان يەرلەرگە باردىم،دائىم توردىن ماشىنامغا ھەرخىل نەرسىلەرنى ئالدىم ھەتتا ماشىنغا خەجلىگەن پۇلۇم شۇ ماشىننىڭ قىممىتىدىن ئېشىپ كەتتى دېسەم ئىشەنمەسلىكڭىز مومكىن،شۇنىڭغا يېقىنلاشتى ئىشقىلىپ،ھەربىر نەرسىلەرنى ئۆزۈم ئورناتتىم ئېكران دېگەندەك ھەرقىتىم مەن ماشىنام بىلەن ماڭسام ئۆزۈمنە يالغۇز ھېس قىلمىدىم توختىتپ قويۇپ كەينىمگە نەچچە.قاراپ كېتىمەن قارىسام قارىسام قارىغۇم كىلدۇ
بۇيەردە قىزبالا توغرىسىدا گەپ قىلۋېتىپ نىمىشقا ماشىنا توغرىسىدا سۆزلەيدىغاندۇ دەپ ئويلاپمۇ قالغانسىز،مېنىڭ ئويلىغنىم بۇ بىر تەقدىركەن،بىر ياخشى كۆرۈش كەلتۈرۈپ چىقارغان شۇ ئىشلاركەن،مەن بۇقىزنى شۇ ماشىندىنمۇ بەك ياخشى كۆرۈپ كەتتىم،ئۇ دائىم ئەنسىرەپلا ئۆتىدىكەن تاشلىۋېتەرمۇ قەدرىمنە قىلماسمۇ كۆيۈنمەسمۇ دەپ، مان ياخشى كۆرگەن ئادىمىمنى قانداقمۇ تاشلىۋتەلەيمەن قانداقمۇ ئويلىماي تۇرالايمەن
ۋايجان كۆزۈمگە يەنە ياش كەلدى ئېيتىۋتىپ ئاندىن يازاي ئاخرىنە
بايا يېزىپ نەگە كەلگەن بۇ موھىم ئەمەس،ئالدىنقى قېتىم پەيزىۋاتقا بۇرۇنقى خىزمەتداشلىرىمنى كۆرگىلى بادىم يېقىندا تويۇم بوپ كېتەرمۇ دېسام ئۇ ماڭا ،شۇندا بىر تېز يۈز بېرىدۇكى نىم بولدۇم دەپ قالىسە تويۇڭ بوپ كېتىدۇ،بىلمەيلە قالىسە دايدۇ،شۇندا بوپ كېتەمۇ مەن ئۇنىڭ بىلەن چوقۇم ئۇزۇن ۋاقىت ئارلىشىپ ئاندىن توي قىلمەن ئۇنى ئاسرايمەن،نىمە يىگۈسى كەلسە كەلمىسە زورلاپ يىگۈزىمەن،كەيگۈسى كەلگەننە ئەپ بېرىمان كىيىنكى ھاياتىم ئۇنىڭ خۇشاللىقى ئۈچۈن،چۈنكە ئۇ خۇشال بوسا مەن.مۇ خۇشال بولىمە.
ۋايەي ئەمدى بۇ خەتلەرنى يېزۋېتىپمۇ يۈرىكىم تېز سوقۇپ خەتنمىۇ جايلاپ يازالمايۋاتىمان دېسە ئۇزۇن بوپتۇ ماقالە يېزىپ يوللاپ باقمىغلى توغرا چۈشىنىڭلا ھە ئۆچۈرۈپ يەنە يېزىپ ەەتەكشۈرۈپ ئا ئا ئا بىردام تىترىمەي تۇرۇپ بەرگىن قولۇم مەن مۇشۇ خۇشال ۋاقىتلىرىمنى خاتىرلىۋالاي
ھازىر سائەت ئون ئىككىدىن قىرىق يەتتە يىگىرمە توققۇز سىكونىت ئۆتتى ،ئىككى مىڭ يىگىرمە بەش ئالتىنچى ئاي 4-كۈنى كېچە،مەن ئۇنىڭ ماڭا خەيىرلىك كەچ ديشىنى ساقلاۋاتىمەن چۈنكى ئۇ ھازىر ماشىنا ھەيداۋاتىپتۇ ئۇنىڭ بىر ئۆمۈر ساق سالامەت بولشىنى ئۈمىد قىلىمەن مۇشۇ خۇشاللىقىمدا بىرنەچچە يۈەن ياردەم قىلىشنى تاللىدىم ئاز بوسىمۇ مېنىڭ بىرە ۋاخ تامىقىم ھېچ بولمىسا مۇلازىمەت ھەققىگە يېتەر
سائەت بىردىن يەتتە ئۆتتى ئۇ مېنىڭ قىز دوستۇم بولۇشقا ئالدىراپ ماقۇل بولۋەتكەنلىكنى دەيدۇ مەن نىم قىسام بولا
بولدىلا ئاخرىنى ئەتە يازاي
بۈگۈن 2025-6-6كۈنى قۇربان ھېيت
بۈگۈن چۈشتىن كىيىن بۇرابىيە بىلەن كۆرۈشتۈم،ھەممە گەپ سۆزلەرنى دېيىشتۇق تەلەپمۇ قويدۇم ماقۇل بولدى،ئاكىسنىڭ تويىدىن كىيىن بىرگەپ بولسۇن تويىمىز دەيدۇ.
ماقۇل دېدىم،ھە تويدىن كىيىن جاپا تارتمايدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدىلەرنى بەردىم ھەم بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرىمەن
بۈگۈن قىزبالنىڭ قولىنى تۇتۇپ باققان كۈنۈم.ھاياتىمدا تۇنجى قېتىم،ئۇنى تېخىمۇ بەك ياخشى كۆرۈپ قالدىم ئۇنى راھەتكە ئېرىشتۈرىمەن
微信扫描下方的二维码阅读本文
暂无评论内容